ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان «ھاشار» ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشتى

RFA Uyghur
RFA Uyghur
8.1 هزار بار بازدید - 5 سال پیش - خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا ھاشارنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغىلى خېلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رايوندا ھەر خىل ئوخشىمىغان شەكىللەر ۋە ناملار ئاستىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ خەۋەرلەردە ئاساسلىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ لاگېر ئەتراپىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، لاگېرغا كىرمىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى كەڭ تۈردە خەۋەر قىلىنىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋىدېيولاردا ياش ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. Mushteri bolung: http://bit.ly/2a2b79c Kona Yezik - http://www.rfa.org/uyghur/ Kiril Yezik - http://www.rfa.org/uyghur/service_widetop?encoding=cyrillic Yengi Yezik - http://www.rfa.org/uyghur/service_widetop?encoding=latin Bizge egishing: FACEBOOK: https://www.facebook.com/Erkin-Asiya-Radiosi-106605925076/ TWITTER: https://twitter.com/uyghurnews SOUNDCLOUD: https://soundcloud.com/rfauyghur
5 سال پیش در تاریخ 1399/01/13 منتشر شده است.
8,156 بـار بازدید شده
... بیشتر